ئالما ئىچىملىك قۇتىسى لاھىيلەش

بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ئىشلىرىمنىڭ ۋە تۇرمىشىمنىڭ ئالدىراشلىقى بىلەن بلوگىمغا قاراشقا ۋە يىڭى مەزمۇنلارنى يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم شۇنداق بولسىمۇ بلوگ ئوقۇرمەرنلەرنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ بلوگىمنى يوقلاپ تۇرغىنىغا ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن. ئاللاھ خالىسا كۇندە دىگۈدەك يىڭى تىمىلارنى يوللاپ تۇرىمەن.

بۇگۇنكى تىما ئالما قۇتىسى لاھىيىسى

لايىھە

ئەسلى رەسىم

لايىھەگە كىتەرلىك رەسىملەر

 لاھىيلەش جەريانى

1. ئەسلى رەسىمنى ئىچىپ  تامغا قورالى بىلەن ئالمىنىڭ يۇپۇرماق ۋە باشقا جايلىرىنى چىقىرۋىتىمىز. (رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك)

2. قەدەمدە ئىچىملىك قۇتىسى بار رەسىمنى ئىچىپ رەسىمدىكىدەك ئورۇننى تاللاپ كۆچۈرۋالىمىز

3. ئەسىلىدىكى رەسىمنى ئىچىپ (يەنى ئالما بار رەسىمنى) بايا كۆچۈرۋالغان رايۇننى Ctrl+v بىسىپ چاپلايمىز. ئاندىن بۇ چاپلانغان رەسىم قەۋىتىنى ئالما ئۇستىگە ئەكىلىپ چوڭ-كىچىكلىنى مۇۋاپىق تەڭشىگەندىن كىيىن رەسىم قەۋىتىنى لىينىسىمان كۈچەيتىشكە تەڭشەيمىز ۋە رەسىم قەۋىتىنى يۇشۇرۇن قىلىپ رەسىمدىكى قىزىل سىزىق ئىچىدىكى رايۇننى يوقىتىمىز رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك

4. ئىچىملىك قۇتىسىنى ئىچىپ ئۇستىدىكى ئىغىزىنى كۆچۈرۋىلىپ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ ئالما ئۇستىگە ئورۇنلاشتۇرىمىز. رەسىمدىكىدەك

5. سۇنىڭ رەسىمىدىن پايدىلىنىپ ئالمىنىڭ ئاستى تەرىپىگە سۇ پەيدا قىلىمىز. قەدەم باسقۇچلىرى سۇنىڭ رەسىمىنى ئىچىپ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن رەسىم قەۋىتىنى لىينىيسىمان نۇرغا تەڭشەيمىز . بۇ رەسىم قەۋىتىنى ماسكىلاپ رەسىم قەلىمى بىلەن بىزگە لازىم بولمايدىغان جايلىرىنى چىقىرۋىتىمىز. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك

6. يەنە بىر پارچە سۇنىڭ رەسىمىدىن پايدىلىنىپ ئالمىدىن ئىقىۋاتقان سۇ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىمىز. سۇنىڭ رەسىمىنى ئەكىرىپ چوڭ كىچىكلىكىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن بۇ رەسىم قەۋىتىنى ئالمىنىڭ ئۈستىگە كەلدۇرۇپ (ياكى دەل كەلتۇرۇپ) رەسىم قەۋىتىنى يۇمشاق نۇرغا تەڭشەپ چىقىرۋىتىدىغان جايلىرىنى چىقىرۋەتسىڭىز بولىدۇ چىقىرۋىتىش مەشغۇلات جەريانى 5- باسقۇچ بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش. ئاندىن سىز ئۆزىڭىز خالىغان بىر ماركىنى ئەكلىپ چاپلىسىڭىزلا بولىدۇ. (مەن مىزان شىركىتىنىڭ ساپ ماركىلىق مىۋە شەربىتىنىڭ sap دىگەن خىتىنى چاپلاپ قويدۇم) سىز خالىغان ماركىنى چاپلىسىڭىز بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىرىشمەكچى بولغان ئۈنۈمگە ئىرىشتۇق.

سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. چۈشۇنمىگەن ياكى قىلالمىغان جايلىرىڭىز بولسا ئىنكاس قالدۇرۇڭ!




[Umid بۇنى 2010-05-23 01:14 PM دە تەھرىرلىدى]
يازما مەنبەسى: بېكەت ئەسىرى
نەقىل ئۇقتۇرۇشى: بارلىق نەقىللەر | بۇ يازمىنى نەقىل ئالىمەن
خەتكۈش:
مۇناسىۋەتلىك يازمىلار:
ئىنكاس: 2 | نەقىل: 0 | كۆرۈلگىنى: -
回复قايتۇرماbihud[2011-01-15 01:58 AM | del]
مەن تېخى يېڭى ئۆگەنگۈچى...
پوتوشوپ ماڭا نىسبەتەن يېڭىچە دۇنيا.
بىلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن يېڭىلىق كۆپ ئىكەن.
ئاللاھ خالىسا مەنمۇ ياخشى ئۆگىنىمەن.
خالىسىڭىز چ چ رىمنى  قالدۇرۇپ قۇياي.
ياردەم قىلارسىز.
چ چ :1009543098
回复قايتۇرماshemsi[2010-11-01 05:49 PM | del]
ئەجەپ ئوخشىتىپسىزغۇ بۇنى، سىزدەك قىلىالمىساممۇ  قېنى مەنمۇ بىر سىناپ باقاي...
ئىنكاس يوللاش
ئىسىم:
پارول: مېھمانلار پارول تولدۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
مەزمۇن:
تەستىق كود: تەستىق نومۇر
تاللاش:
گەرچە تىزىملاتمايمۇ ئىنكاس يازغىلى بولسىمۇ ، پىكىر ھوقۇقىنى قوغداش سەۋەبىدىن تىزىملىتىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.